باش بەت > خەۋەرلەر > يانفۇن خەۋەرلىرى

سامسۇڭ +Galaxy S24 ئاشكارىلاندى

يانفۇن خەۋەرلىرىخىيال2023-10-01 10:26:07A+A-

ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى Onleaks يېقىندا سامسۇڭ +Galaxy S24نىڭ سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى، بۇ يانفوننىڭ سانائەت لايىھەسى Galaxy S24 بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، رازمېرى ئاشۇرۇلغان.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، +Galaxy S24نىڭ ئېكران چوڭلۇقى 6.7 دىيۇم، يانفون گەۋدىسىنىڭ ئايلانمىسى 158.5×75.9×7.7 مىللىمېتىر. سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، Galaxy S24نىڭ رازمېرى 147×70.6×7.6 مىللىمېتىر.

1.jpg

رەقىبى iPhone 15 Plus بىلەن سېلىشتۇرغاندا، +Galaxy S24 تېخىمۇ يېنىك ۋە نېپىز، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 195 گىرام، iPhone 15 Plusنىڭ ئېغىرلىقى بولسا 201 گىرام، قېلىنلىقى 7.8 مىللىمېتىر. نېپىز ۋە يېنىك يانفون گەۋدىسى ئاستىدا، سامسۇڭ +Galaxy S24 يانفونىنىڭ ئىچىگە 4900mAhلىك چوڭ باتارېيە قىستۇرۇلغان بولۇپ، iPhone 15 Plusنىڭ 4383mAhلىك باتارېيەسىدىن خېلىلا چوڭ.

3.jpg

يادرولۇق سەپلىمىسىدە، سامسۇڭ +Galaxy S24 يانفونىغا كۇۋالكوم سىناپدىراگون 8Gen3 كۆچمە سۇپىسى سەپلەنگەن، بۇ ئۆزەك TSMCنىڭ N4P ھۈنەر-سەنئىتى ئاساسىدا ياسالغان، CPU قىسمى بىر دانە 3.19GHzلىق X4 يادرو، بەش دانە 2.96GHzلىق A720 يادرو ۋە ئىككى دانە 2.27GHzلىق A520 يادرودىن تۈزۈلگەن، GPU تىپى Adreno 750.

2.jpg

نۆۋەتتە سامسۇڭ +Galaxy S24 يانفونى 3C دەلىللىشىدىن ئۆتتى، 45Wلىق سىملىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، كېلەر يىلى 1-ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ.


بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!