باش بەت > ماقالىلەر > يانفۇن تېخنىكىسى

زاۋۇت نۇسخىسىدىكى زەرەتلىگۈچ بىلەن ئادەتتىكى زەرەتلىگۈچنىڭ پەرقى

يانفۇن تېخنىكىسىخىيال2023-11-04 23:45:14A+A-

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن بازىرىنىڭ كەڭ كۈلەمدە ئۇمۇملىشىشى بىلەن ھازىر ھەممىمىز توك دىگەن بۇ نەرسىدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. لامپۇچكا، كومپيۇتېر ھەتتا يانفۇنلارمۇ چوقۇم توكقا چېتىلىشى كېرەك. بۇرۇن باتارىيەسى ئاجىرايدىغان يانفۇنلار چىققان ۋاقىتتا يانفۇننىڭ زاپاس باتارىيىسىدىن بىر قانچىنى ئېلىپ يۈرۈش ئادەت بولغان بولسا ھازىرقى يېڭى تېخنىكىلار چىققاندىن كېيىنكى يانفۇنلارنىڭ باتارىيىسى زاۋۇتتىن چىققاندىلا ئاجرىمايدىغان بولۇپ چىقتى. شۇنىڭلىق بىلەن كىشىلەر بۇرۇنقى يانفۇن زاپاس باتارىيىسىنىڭ ئورنىغا توكدان ئېلىپ يۈرىدىغان بولدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا زەرەتلىگۈچ ئېلىپ يۈرۈش ياكى باشقىلارنىڭ زەرەتلىگۈچىنى ئىشلىتىشمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا مودا بولغان ئىشقا ئايلاندى.


«ئېشەك ئالغان ئادەم توقۇم ئالىدۇ» دېگەندەك، ئالما شىركىتى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ پىقسىقلىق يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىپ، يانفۇننىڭ زەرەتلىگۈچىسىنى يانفۇن بىلەن بىللە ساتماستىن پەقەت يانفۇننىڭ ئۈزىنىلا سېتىش، زەرەتلىگۈچنى ئايرىم سېتىش قائىدىسىنى چىقاردى. بۇنداق بولغاندا نەچچە مىڭ سومغا يانفۇن سېتىۋالغان بىلەن زەرەتلىگۈچنىڭ ئۆلچەملىك زاۋۇت نۇسخىسىدىكىنى ئىشلەتمەي ئادەتتىكىسىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا يانفۇنغا بەلگىلىك زىيىنى بار بولۇپ، بۇ ئىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا يانفۇننىڭ ئۆمىرىنى قىسقارتىدۇ. باتارىيىسى توك ساقلىيالمايدىغان بولىدۇ. يانفۇن باتارىيىسى توك ساقلىيالمىغاندىن كىيىن يېڭى يانفۇن ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز. مانا بۇ ئالما شىركىتىنىڭ يانفۇننى تېزلىكتە ئالماشتۇرۇپ سېتىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىسخىكىسى. 


شۇڭا خىيال تورى سىزگە شۇنى تەۋىسيە قىلىمىزكى: نەچچە مىڭ يۈەنگە چىداپ يانفۇن ئالغان كىشى چوقۇم ئۆزىنىڭ يانفۇنىغا ماس كىلىدىغان يانفۇن زەرەتلىگۈچ ۋە توكداننى سېتىۋېلىشى كېرەك. بولمىسا ئالما شىركىتىنىڭ «ئالدام خالتىسى»غا چۈشۈپ كىتىدىغان ئىش. 


يېقىندىن بېرى بۇ ئىشنى باشقا يانفۇن شىركەتلىرىمۇ تەقلىد قىلىپ قوللىنىشقا باشلىدى. ئەسلىدىكى يانفۇنغا قوشۇپ بىرىدىغان زەرەتلىگۈچنىڭ تەننەرقىنى تىجەپ قالىدۇ، بىراق زەرەتلىگۈچ قوشۇپ بىرىدىغان يانفۇن بىلەن زەرەتلىگۈچ قوشۇپ بەرمەيدىغان يانفۇن باھاسىدا چوڭ پەرق يوق. يانفۇن شىركەتلىرى يېڭى ئېلان قىلغان يانفۇنلاردا زەرەتلىگۈچ يوق ئەھۋال ئاستىدا سىز ئەسلى زاۋۇت نۇسخىسىكى زەرەتلىگۈچ ئالىمەن دىسىڭىز ئاز بولغاندا 200 يۈەننىڭ يۇقىرىسىدا سېتىۋالىسىز. لېكىن  بۇنى قىممەت كۈرۈپ بازاردىن ئادەتتىكى زەرەتلىگۈچ سېتىۋالغاندا چوقۇم يانفۇنغا ماس كىلىشى كېرەك، بولمىسا يانفۇنىڭىزنى بۇزۇپ قۇيىشىڭىز مۇمكىن.


ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر تېز زەرەتلەش نۇسخىسىدىكى زەرەتلىگۈچلەرمۇ بازارغا سېلىندى، تەۋىيسەرىمىز شۇكى، چوقۇم يانفۇنىڭىزغا ماس كەلگەن بولىشى، ئادەتتىكى ساختا زەرەتلىگۈچلەرنى ئىشلەتمەسلىكىڭىز كېرەك. 


يېڭى يانفۇنلار بازارغا سېلىنغاندا مانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە %100 توك تولۇقلايدۇ دىگەن بولسا، سىز سېتىۋالغان زەرەتلىگۈچ شۇ ئۆلچەمدىكى ۋاقىت ئىچىدە زەرەتلىيەلىسە نورمال ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۈرۈنەرلىك تىز ياكى كۈرۈنەرلىك ئاستا زەرەتلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يانفۇنغا زىيانلىق.


بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!