بۇ رەسىملەر PS قىلىنمىغان، ھەقىقىي كامىرا تېخنىكىسى
بىر قىسىم كىشىلەر ياخشىراق چىققان رەسىملەرنى كۆرسە چوقۇم Photoshop تا بىر تەرەپ قىلىنغان دەپ قارايدۇ. بىراق ھەقىقىي سۈرەتكە تارتقۇچى تېخنىكلاردىن سورىغاندا مەلۇم بىر پارچە رەسىم ياكى پورتىرتنى بىر قانچە قېتىم سۈرەتكە تارتىپ، ياخشى چىققانلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ. ھەقىقىي فوتوگراف مەلۇم بىر مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتقاندا پەقەت بىر پارچىلا سۈرەتكە تارتىپ بولدى قىلمايدۇ. بىر قانچە ئاي بۇرۇن توردا چەتئەللىك بىر فوتوگرافنىڭ بىر قانچە پارچە رەسىمنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇ ماقالىنى تاپقاندا يەنە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.
تۆۋەندىكىلىرى بولسا چەتئەللىك فوتوگراف Viktorija Gabulaitė بىلەن Jonas Grinevičius نىڭ كۆپ يىللىق ۋە كۆپ قېتىملىق سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا توپلىغان ئەسەرلىرى. بۇلار ھەرگىزمۇ Photoshop دا تەھرىرلەپ ئىش قوشۇشقا قاتناشتۇرۇلمىغان ھەقىقىي كامىرا ئىزناسى
تېپىلغۇسىز كۈرۈنۈش
كۆپەيتىش شەكلىدىكى رىشاتكىنىڭ ھەر بىر تۈشۈكتىكى كۈرۈنۈش ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىگە ئىگە
چېچىلغان سۇمۇ پىلنىڭ شەكلىگە كىرىپ قالغان
ئۆڭكۈردىكى مۇزغا قۇياش نۇرى چۈشكەندىن كىيىنكى نەتىجە
تاغىل ئات دەپ ئاڭلىغان، تاغىل بۇلۇت دەپ ئاڭلىغانمۇ؟ (ماساچۇسىتس شىتاتىدىكى I -90 كلومىتىرلىق يول بۈلۈكى)
كۈن ئولتۇرغاندىكى بۇلۇت
ئەڭ مۇھىم دەقىقە
دەرىزە پەردىسىدىن ئۆتكەن يۇرۇقلۇق ئاستىدىكى مۈشۈك خۇددى تەڭگە تىرىگە ئىگە بولغاندەك كۈرۈنىدۇ. خۇددى رەڭلىك يىلپىزدەكلا
بۇ ئايرۇپىلان يادىن چىققان ئوقمۇ ياكى ھەقىقەتەن مۇشۇنداق توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟
«دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز » ترامۋاي، بەكراق سىنچىلاپ قارىمىسىڭىز ئارقا تەرەپتىكى بىنانىڭ ماشىنا بىلەن بىرىكىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالمايسىز.
سىنچىلاپ قاراپ باقسىڭىز سۈرەتتە بىر ماشىنىنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. بۇ دەل قارا رەڭلىك ماشىنا بولۇپ، يېڭىلا يۇيۇلغاندىن كىيىن يان تەرەپتىن تارتىلغاندا خۇددى ئەينەكتەك كۈرۈنىدۇ
قەھۋە ئۈستىدە تۇرۇستىكى چىراغنىڭ ئەكىس نۇرى
كۈچلۈك بۇراندا ئۆرۈلگەن دەرەخلەرنىڭ بۇراندىن كىيىنكى ھالىتى
جۈمەكتىن ئېتىلىپ چىققان سۇ سۇئال بەلگىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئىككى ئاتنى بىر يەردە قويسا خۇددى ياتقان ئات بوشلۇقتا لەيلەپ قالغاندەك كۈرۈندى مانا
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- ps دە ئوتنى كېسىپ ئېلىش
- PS دە ئارقا مەنزىرىنى سوزۇش
- Photoshop2023غا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش
- PS دە ئىشلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك خەت-1
- PS دە ئىشلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك خەت-2
- سۇ دولقۇنى شەكىللىك خەت ياساش
- PS دە سەپكۈننى يوقىتىش ئۇسۇلى
- PS دە ئارقا رەڭنى سۈزۈش
- Adobe شىركىتىنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى
- Photoshop تا كۆپ ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكىلار
- Photoshop2019 قا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش