باش بەت > ماقالىلەر > رەسىم ئىشلەش

Illustrator 2023 غا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش

رەسىم ئىشلەشخىيال2023-09-18 17:00:11A+A-

Illustrator 2023  نى بىر قىسىم تورداشلار نورمال ئىشلىتىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، بىراق ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگەندە ھەرپلەر سولدىن ئوڭغا چققىنىنى ئاز دەپ،

 ھەرپلەر ئۇلانمايدۇ. بۇ خىل مەسىلىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىمىز.

屏幕截图 2023-09-18 170432.png

يۇقارقى تىزىملىك ئارقىلىق يېزىق بىر تەرەپ قىلىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز.

屏幕截图 2023-09-18 170653.png

يۇقارقى كۆزنەكتە كۆرسىتىلگەندەك ھىندى تىللىرى تاللانمىلىرىنى كۆرسىتىش (显示印度语言选项) نى تاللاپ جەزىملەشتۈرىمىز.

ئەمدى يېزىق كىرگۈزسىڭىز كىرگۈزگەن يېزىقىڭىز ئۇلىنىپ نورمال كۈرۈنىدۇ.

屏幕截图 2023-09-18 171209.png

يېزىقنىغۇ نورمال كىرگۈزدۇق. بىراق، سان ، تىنىش بەلگىلىرى، ئېنىگلىزچە ھەرپلەرنىڭ ھەممىسى قۇرنىڭ ئاخىرىغا چىقىۋېلىپ، توغرا نىشانغا يىتەلمەيمىز.

ئەمدى تىزىملىك سىتونىدىكى 窗体 نىڭ ئىچىدىن 文字 نىڭ ئاستىدىكى 字符样式 نى تاللايمىز.

屏幕截图 2023-09-20 213746.png

ئەمدى 字符样式 دىگەن رامكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆت سىزىق سىزىقلىق ئورۇننى بېسىپ، تىزىملىكنى ئاچقاندىن كېيىن، ئىچىدىكى 字符样式选项 نى چىكىمىز.

屏幕截图 2023-09-20 213936.png

ئوتتۇرا شەرق تىللىرى دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئوڭ تەرەپتىكى يېزىق يۈنىلىشى تۈرىدىن ئوڭدىن سولغا دېگەن تاللاپ قويساق بولىدۇ.

屏幕截图 2023-09-20 214210.png

ئەمدى بىۋاسىتە يېزىق كىرگۈزسەك تىنىش بەلگىلىرى ۋە سان سىپىرلار ھەتتاكى ئېنگلىزچە ھەرپلەرمۇ دەل جايىدا كۈرۈنىدۇ.

屏幕截图 2023-09-20 214501.png


بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!