باش بەت > ماقالىلەر > قوللىنىشچان دىتاللار

Adobe شىركىتىنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى

Adobe شىركىتى بولسا باش شىتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان، دۆلەت ھالقىغان، كومپيۇتېر يۇمشاق دىتالى ياساش شىركىتى بولۇپ،  باش شىتابى كالفورنىيە شىتاتىدىكى سان خوسېغا جايلاشقان. ئاساسلىقى كۆپ ۋاستىلىك يۇمشاق دىتاللارنى ئېچىش بىلەن شۇغۇرلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاقە تورىنى بېيىتىش، ماركىتىڭ، پۇل مۇئامىلە تەھلىلى قاتارلىقلارنى ئېچىشنى باشلىدى.

تۆۋەندىكىلىرى بولسا مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاساسلىق دىتاللىرى

31.png

1- PS

Adobe Photoshop بولسا Adobe شىركىتىنىڭ مەخسۇس رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دىتالى. 

    Photoshop ئاساسلىقى پىكسېل ئارقىلىق تۈزۈلگەن رەقەملىك تەسۋىرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ . ئۇنىڭ نۇرغۇن تەھرىرلەش ۋە چېرتيوژ سىزىش قوراللىرىنى ئىشلەتكەندە ، رەسىم تەھرىرلەش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ . p s نىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بولۇپ ، سۈرەت ، شەكىل ، يېزىق ، كۆرۈنمە چاستوتا ، نەشرىيات قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ .
    A d o b e نىڭ W i n d o w s مەشغۇلات سىستېمىسى ، Android  ۋە M a c O S نى قوللايدۇ ، لېكىن L i n u x مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكۈچىلەر W i n e ئارقىلىق Photoshop نى ئىشلىتەلەيدۇ .

32.jpg

2- Ai

   A d o b e   i l l u s t r a t o r نەشر ، كۆپ ۋاستىلىق ۋە لىنىيىلىك سۈرەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان  ئۆلچەملىك ۋېكتورلۇق قىستۇرما رەسىم يۇمشاق دىتالى .
    ناھايىتى ياخشى ۋېكتورلۇق گرافىك بىر تەرەپ قىلىش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بۇ يۇمشاق دېتال ئاساسلىقى بېسىش ، نەشر قىلىش ، ئېلان كىتابلىرىنى بەت ياساش ، كەسپىي قىستۇرما رەسىم ، كۆپ ۋاسىتىلىك سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالاقە تورى بەت ياساش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ ، شۇنداقلا لىنىيە ئورىگىنالىنى بىر قەدەر يۇقىرى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ ، ئىشلەپچىقىرىش ھەرقانداق كىچىك تىپتىكى لايىھىلەش چوڭ تىپتىكى مۇرەككەپ تۈرلەرگە ماس كىلىدۇ.

33.jpg

3-Pr

Adobe Premiere بولسا فىلىم تەھرىرلەش يۇمشاق دىتالى بولۇپ، ئادوبې شىركىتىنىڭ كۇزۇر مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە دائىم قوللىنىلىنىدىغان نۇسخىلىرىدىن CS4, CS5,CS6,CC,CC 2014,CC2015,CC2017 ۋە CC2018 نۇسخىلىرى بار. Pr بولسا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىم تەھرىرلەشتىكى بىر قەدەر ياخشى بولغان دىتال ھېسابلىنىدۇ.

34.jpg


4- Ae

Adobe After Effects بولسا Adobe شىركىتىنىڭ يەنە بىر سۈرەت ۋە فىلىم بىرىكتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كۇزۇر مەھسۇلاتى بولۇپ، ئاساسلىقى لاھىيىلەش ۋە فىلىمدىكى ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى ياخشى. بۇ دىتال تىلىۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە ئېلان شىركەتلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئېلان لاھىيە دىتالى ھېسابلىنىدۇ.

35.jpg


5-Dw

Adobe Dreamweaver نىڭ ئۇيغۇرچە نامى «خىيالى تەھرىرلىگۈچ» بولۇپ، بۇ دىتالنى دەسلەپتە ئامېرىكا Macromedia شىركىتى ياساپ چىققان، 2005-يىلى Adobe شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. بۇ دىتال ئاساسلىقى توربەت ياساشتىكى ئاساسلىق دىتال ھېسابلىنىدۇ. بۇ دىتال يەنە Html, CSS, JavaScript قاتارلىقلارنى تەھرلەشنى قوللايدۇ. تور بەت تۈزگۈچىلەر بۇ ئارقىلىق خالىغانچە تېزلىك بىلەن توربەت قۇرۇپ چىقالايدۇ.
Adobe Dreamweaver نىڭ ئېغىزلىرى بىر قەدەر مول بولۇپ، تور بەت لاھىيىلەشتىكى ۋە كود تەھرىرلەشتىكى ئاساسلىق قۇرال ھېسابلىنىدۇ.

36.png


6-Id

Adobe InDesign بولسا Adobe شىركىتىنىڭ ئۈستەل يۈزى نەشىرىيات پروگراممىسى بولۇپ، ئاساسلىقى مەتبەئە بۇيۇملىرىنى تەھرىرلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق دىتال رىقابەتچىسى بولغان QuarkXPress غا جەڭ ئېلان قىلغان. دەسلەپتە، خېرىدارلارنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، 2002-يىلى ئالما سىستېمىسىدا ئىجرا بولىدىغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن رېقابەتچىسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى.
InDesign بولسا PDF شەكلىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. يەنە كىلىپ كۆپ خىل تىل بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ تۇنجى قېتىم Unicode تېكىست تەھرىرلەشنى قوللايدىغان ئاساسى ئېقىم بولغان DTP پروگراممىسى ھېسابلىنىدۇ، ئالدى بىلەن يېڭى تىپتىكى خەت نۇسخىسى OpenType خەت شەكلىنى ئىشلىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك سۈزۈك ئىقتىدار، سۈرەت قەۋەت شەكلى، ئۆزى بەلگىلىگەن كىسىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.  ئۇ يەنە JavaScript ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاكا-ئۇكا دىتال Illustrator، Photoshop قاتارلىقلار بىلەن مۇكەممەل بىرىكىپ، ئابوتلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشتى.

37.png


7-Fl

Adobe Flash بولسا ئەسلىدە Macromedia شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، Adobe شىركىتى سېتىۋالغاندىن كېيىن، داۋاملىق تۈردە يېڭىلاپ كەلگەن. بۇ بىر ئىككى ئۆلچەملىك ھەرىكەتلىك سۈرەت دىتالى .

38.png


8-Fw

Adobe Fireworks بولسا ئەسلىدە  Macromedia شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، Adobe شىركىتى سېتىۋالغاندىن كېيىن، داۋاملىق تۈردە يېڭىلاپ كەلگەن. تېزلىكتە توربەت لاھىيىلەش قۇرال دىتالىنىڭ بىرى.
Fireworks توربەت لاھىيىلەش خىزمىتىنى زور دەرىجىدە ئاددىلاشتۇردى. مەيلى كەسپى لاھىيىلىگۈچى بولسۇن ياكى ئىشتىن سىرىتقى ھەۋەسكار بولسۇن، Fireworks  نى ئىشلەتكەندە ئىنتايىن تەسىرلىك GIF نى ئاساسنلا ياساپ چىققىلى بولىدۇ، يەنە چوڭ رەسىم، ھەرىكەتچان كۇنۇپكا، دىنامىكىلىق ئايلانما خەرىتە قاتارلىقلارنى ئاسانلا تاماملىغىلى بولىدۇ.

39.png


9-En

Adobe Encore بولسا مەخسۇس DVD ياسايدىغان قۇرال بولۇپ، ھازىر 1.5 نەشىرى تارقىتىلىپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

40.png


10-Sg

Adobe SpeedGrade بولسا Adobe شىركىتىنىڭ مەخسۇس رەڭ تەڭشەش دىتالى. بۇ ئارقىلىق تۈرلۈك رەڭ لاھىيىلەش ئىشلىرىنى تاماملاشقا بولىدۇ.

41.png


11- Lr

Adobe Light Room بولسا Adobe شىركىتى ياساپ چىققان، تېزلىكتە سۈرەتكە تارتىپ تۈزىتىش دىتالى

42.png


12-Au

Adobe Audition بولسا ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش دىتالى بولۇپ، ئەسلى Cool Edit Pro دىگەن نامدا تارقىتىلغان، كىيىن ئادوبى شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن Adobe Audition دەپ ئاتالغان. بۇ ئاساسلىقى ئاۋاز تەھرىرلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
43.png



13-Br

Adobe Bridge بولسا Adobe شىركىتىنىڭ قوشۇمچە قۇرال پروگراممىسى بولۇپ، ئاساسلىقى رەسىم كۈرۈش، ئىزدەش، رەتلەش، باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
44.png



14-Pl

Adobe Prelude CS6 بولسا ئاجايىپ ئۆزلەشتۈرۈش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش دىتالى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈرۈنمە يۈز كۆزنىكى بىلەن بىرلىكتە بىكىرىپ،، كۆپ خىل تەھرىرلەش ۋە قەۋەت تەڭشەش ئىقتىدارىنى ھاسىل قىلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!