باش بەت > ماقالىلەر > تور تېخنىكىسى

HTML5 ئىشلىتىشنىڭ باھانىسى

تور تېخنىكىسىخىيال2023-09-10 00:54:16A+A-

تور بىكەت ئاچقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى بۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىك مەسىلىسى، ناۋادا خەلقئارا ئورتاق تور ئۆلچىمى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلسا كۆزەتكۈچلەر ئارىسىدا بىرلىك بولماسلىق مەسىلىسى تۈپتىن ھەل بولىدۇ، بىراق مۇشۇ يۈنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەش جەريانىدا يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى بولغان بەزى بىر ئوڭۇشسىزلىقلار كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، گەرچە تور بىكەت ئاچقۇچىلار HTML5 بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىسىمۇ، يەنىلا ئەندىشە قىلىپ، ئۇ كونا كۆزەتكۈچلەردە نورمال ئىجرا بۇلامدىغاندۇ، خاتا كۆرۈلەمدىغاندۇ؟ دېگەندەك گۇمانىي كۆز قاراشلاردا بولۇۋاتىدۇ.
لېكىن خۇشاللىق بىلەن شۇنى ئېيتىمىز ، خاتىرجەم بولۇڭ، HTML5 خۇددى بۇرۇنقى Css گە ئوخشاش ئومۇملىشىدۇ، ھېچقانداق مەسىلە يوق.
تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سەۋەب HTML5 نى خاتىرجەم ئىشلىتىشكە ئاساس-دەلىل بولالايدۇ.
1)        سېغىشىشانلىق - HTML5 كونا كۆزەتكۈچلەردىمۇ نورمال ئىجرا بولىدۇ.
2)        ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق HTML5 ئىچكى قىسىمدا پىچەتلەنگەن مۇرەككەپ تەركىبلەر يوق. بار بولغىنى پەقەت پىچەتلەنگەن ئاددىي ئىقتىدارلار.
3)        ئىنقىلاب خاراكتىرلىق تەرەققىيات ئەمەس، HTML5 دىكى ئىقتىدارلاردا ئىنقىلاب خاراكتىرلىق زور ئۆزگىرىشلەر يوق، ئۇ پەقەت قىسقا مەزگىللىك تەرەققىيات نەتىجىسى.
يۇقارقى ئۈچ تۈرلۈك ئاساس «HTML5 نىڭ لايىھە پىرىنسىپى» دىيىلىدۇ، ئۇ مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە تەتقىق قىلىنىپ ئېچىلغان.
ھەرقايسى كۆزەتكۈچلەر HTML5 نى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ بۇ پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇندىن كېيىن باش بولۇپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۆۋەندە بەزى پىرىنسىپلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
تۇنجى بولۇپ سېىشىشچانلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالىمىز، HTML5 دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن بۇ HTML4 قوللىنىلغان بارلىق تور بىكەتلەرنى قايتىدىن ئىشلەش كىرەكلىكنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت تور كۆزەتكۈچلىرى بۇندىن كېيىن HTML5 قوللىنىپ ئېچىلغان ئىقتىدارلارنى نورمال ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
« ئىنقىلاب خاراكتىرلىق زور ئۆزگىرىشلەر يوق » لىقىنى مۇشۇ سېغىشىشچانلىق نوقتىسىدا گەۋدىلەندۈرىمىز.
سېغىشىشچانلىققا كاپالەتلىك قىلغاندىلا باشقىلار ئۇنى شەك-شۈبھىسىز ئىشلىتەلەيدۇ.
ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىغا كەلسەك ، بۇ رىئال- ئەمەلىي مەسىللەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى تەلەپ ئېھتىياجغا قارىتا ئېيتىلغان.
HTML5 نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇھىم ئىقتىدارلار پىچەتلەنگەن، بۇنداق بولمىغاندا مۇرەككەپلىشىپ ئەھمىيتىنى يوقىتىدۇ .
HTML5 نىڭ لايھىلىنىش پىرىنسىپلىرىنى يۇقاردا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدۇق، بولۇپمۇ HTML4 بىلەن سېغىشالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈق.
«كىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىدۇ، بىمالال ئىشلىتىشكە بولىدۇ» دەپ يەكۈن چىقىرىمىز.
4.1-        HTML5 ھەل قىلماقچى بولغان ئۈچ خىل مەسىلە
HTML5 نىڭ بارلىققا كىلىشى  Web  ساھەسىدە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
چۈنكى ئۇنىڭ مەقسەت نىشانلىرى ئىنىق، ئۇ بۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان بارلىق مەسىللەرنى بىراقلا ھەل قىلماقچى، بۇ HTML نىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك، مۇكەممەل نەشرى بولۇپ قالغۇسى.
ئەمدى ھازىرقى Web دە قانداق مەسىللەر مەۋجۇت، HTML5 قايسىللىرىنى ھەل قىلماقچى دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىلىمىز.
1) كۆزەتكۈچلەر ئارىسىدا ماسلىشىشچانلىق، سېغىشىشچانلىق بەك ئاجىز.
تۇنجى بولۇپ تىلغا ئالىدىغىنىمىز، كۆزەتكۈچلەر ئارىسىدىكى ماسلىشىشچانلىق بەك ئاجىز، تۈۋەن بولۇش مەسىلىسى.
مەلۇم بىر كۆزەتكۈچتە HTML/Css/JavaScript قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر پۈتۈن نورمال  ئىجرا بولىسا، ئاندىن بۇ پروگراممىنى باشقا بىر كۆزەتكۈچتە ئىجرا قىلساق بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ.
ناۋادا بىر جۈملە گەپ بىلەن سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلسە «ئۆلچەم، قائىدە تەرتىپ بىرلىككە كەلمىگەن» دېيىشكە بولىدۇ.
ئۆلچەملەشتۈرۈلمەسلىك بۇيەردىكى ئاساسلىق سەۋەب .
HTML5 تە بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىدۇ، HTML5 نى ھاياتى كۆچكە ئىگە قىلغىنى ھەرقايسى كۆزەتكۈچلەرنىڭ ئالاھىيدىلىكلىرىنى، ئىقتىدارلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ ھەم بۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ھەممىسىگە ئورتاق بولغان ئىچكى ئىقتىدارلىرىغا ماس كېلىدىغان بىر ئۆلچەمنى تەلەپ قىلالىغانلىقىدۇر .
ھەممە كۆزەتكۈچكە ئورتاق ماس كېلىدىغان ئۆلچەم بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئۆلچەم ئاساسىدا پروگرامما يازغىلى بولىدۇ ، پروگراممىنىڭ نورمال ئىجرا ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
بۇ Web لايىھىلىگۈچىلەر ۋە ئاچقۇچىلارنى ناھايىتى خۇرسەن قىلىدىغان بىر ئىش، شۇنداقلا بۇندىن كېيىن  Web ئاچقۇچىلار ئورتاق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئىقتىدارلارنى ئېچىپ تەييارلىسىلا Web كۆزەتكۈچلىرىمۇ بۇ ئىقتىدارنى پىچەتلەيدۇ.
ھۆججەت قۇرۇلمىسى ئىنىقسىز .
ئىككىنچى مەسىلە HTML نىڭ ئىلگىرىكى نەشرىلىرىدە ھۆججەت قۇرۇلمىسى ئىنىقسىز، مەسىلەن، ماۋزۇنى ئىپادىلەشتە، تېكېسىتنى ئىپادىلەشتە ھەممىسىدە <Div> ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما كەسكىن ئۆلچەم بىلەن ئېيىتساق، <Div> نىڭ ئۆزى ھۆججەت قۇرۇلمىسىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئېلمېنىت ئەمەس، ئۇنى ئۇشۇقچە ئىشلەتكەندە، ماقالىنى ئوقۇپ چۈشىنىش، قۇرۇلمىسىنى بىلىش قىيىنغا توختايدۇ. يەنە كىلىپ ئىزدەش ماتۇرى، كۆزەتكۈچ پروگراممىلىرى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن «قەيەردىن باشلاپ تېكىسىت، قايسىسى تۈر، قايسىسى رەت- تەرتىپنى، تىزىملىكنى ئىپادىلەيدۇ » دېگەندەك تەھلىل قىلىشقا ئائىت مەسىللەرنىڭ جاۋابى ئىنىقسىز بولۇپ قالىدۇ .
HTML5 تە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆججەت قۇرۇلمىسى، تۈزلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن ئېلمېنىتلار قۇشۇلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شەكىل، ئۇسلۇبقا ھەرقايسى بۆلەك تەرەپلەرگە ئائىت تېخنىكىلارمۇ ئىخچاملانغان. تۇسالغۇلار چىقىرىۋېتىلگەن.

Web پروگراممىلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغان .
ئەڭ ئاخىرقى بىر مەسىلە شۇكى، Web پروگراممىلىرى بىلەن HTML نىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئاجىز.
Web پروگراممىلىرىنىڭ «ئاۋۋال توردىن چۈشۈرۈپ ئاندىن ئىجراقىلىش» تەك خۇسۇسىيتى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
نۆۋەتتە بىخەتەرلىك جەھەتتىن تولۇق كاپالەتگە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق HTML نىڭ Web پروگراممىلىرىغا كۆرسەتكەن تۆھپىللىرى ناھايىتى ئاز. مەسىلەن ئېيىتساق، ھۆججەت يوللاشتا، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ھۆججەتنى تاللىغىلى بولمايدۇ.
بۇ جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن HTML5 تۈرلۈك Web پروگراممىلىرىغا يېڭىدىن API تەمىنلەشنى باشلىدى. ھەرقايسى كۆزەتكۈچلەرمۇ تىز سۈرئەتتە بۇخىل API لەرنى پىچەتلەپ HTML5 نىڭ تور پروگراممىلىرىدا قوللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى .

بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!