باش بەت > ماقالىلەر > تور تېخنىكىسى

توربىكەتنى 打包 (پرىسلاپ) تورغا يوللاش ۋە چۈشۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش

تور تېخنىكىسى小编2023-09-01 11:55:06A+A-

كۆپىنچە دوستلار تور بەت ياسىغاندا ھەقسىز بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ توربەت ياسايدۇ، لىكىن ھەقسىز توربوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەن مەۋھۇم مۇلازىمىتىرلار ftp نى قوللىمايدىغان بولغاچقا web شەكلى ئارقىلىق نەچچە ئون پارچە ھەتتا يۈز نەچچە پارچە تور ھۆججىتىنى تورغا يوللاش ئاۋارىچىلىقىغا يۇلىقىدۇ. بۇ يەردە ھازىر بىز بىكەت باشلىقلىرىنىڭ بۇنداق ئاۋارچىلىقىدىن  قۇتۇلدۇرىمىز. ئەگەر سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز php شەكلىدىكى تور بەت بولسا ئۇ ھالدا تور بەتنى پرىسلاپ تورغا يوللاش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىز تېخىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ.
1-توربەتنى پرىسلاپ تورغا يوللاش
توربەتنى پرىسلاشتا يەنىلا phpZip يۇمشاق دىتالى(http://download.cpcw.com)نى ئىشلىتىمىز. بۇ 5 ھۆججەتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سىغىمى 226KB. بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن unzip.php ھۆججىتىنى خاتېرە دەپتەردە ئېچىپ، $password=”isphp” نى تېپىپ isphp نى ئۆزىمىزنىڭ مەخپى نومۇرىغا ئۆزگەرتىمىز. ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن مۇلازىمىتىرغا بۇ ھۆججەتنى يوللايمىز. IE نى قوزغىتىپ، unzip.php گە تىزىملىتىپ كىرىمىز.
بۇ يەردە مۇلازىمىتىرنىڭ zlib ئامبىرىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى كۈرىمىز. ئەگەر قوللىسا تور ھۆججەتلىرىنىGzip شەكلىدە پىرىسلاپ gz ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ، تورغا يوللايمىز. ئەگەر قوللىمىسىمۇ ھىچقىسى يوق، ئوخشاشلا پرىسلاۋىرىمىز.
phpZip نى قوزغىتىپ، 浏览 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، پرىسلىماقچى بولغان مۇندەرىجىنى تاللايمىز. ئەگەر مۇلازىمىتىر zlib شەكلىنى قوللايدىغان بولسا 压缩成gzip格式 نى تاللاپ قويىمىز. ئاندىن پرىسلاش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. شۇنىڭ بىلەن gz ھۆججىتى ھاسىل بولىدۇ. ھاسىل بولغان ھۆججەتنى تورغا يوللاپ، unzip.php ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ،指定服务器上文件 نى تاللاپ قويۇپ، ئارقا تەرىپىدىكى يېزىق رامكىسىغا پرىسلانغان ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزۈپ پرىستىن يىشىمىز.
دىققەت: پرىسلانغان ھۆججەت سىغىمى مۇلازىمىتىرنىڭ قوللايدىغان ئەڭ چوڭ ھۆججەت سىغىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2- توربەتنى پرىسلاپ توردىن چۈشۈرۈش
phpZip توربەتنى پرىسلاپ تورغا يوللاپلا قالماستىن يەنە پرىسلاپ توردىن چۈشۈرۈش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە. ئەگەر تور بىكەتتە بىرەر مىڭ ھۆججەتنى چۈشۈرۈش كىرەك بولۇپ قالسا بىردىن بىردىن چۈشۈرۈش تولىمۇ ئاۋارچىلىق. phpZip نىڭ zip.php ھۆججىتى تېزلىكتە چۈشۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ. zip.php نىڭ ئىچىدىكى مەخپى نومۇرنى ئۆزگەرتىپ مۇلازىمىتىرغا يوللىغاندىن كېيىن مۇلازىمىتىردا ئىجرا قىلىمىز. پرىسلانغان ھۆججەت ھاسىل بولغاندىن كېيىن phpZip دا پرىستىن يىشىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
3- كىرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش
بىز ئىشلىتىۋاتقان php مۇلازىمىتىرلارنىڭ كۆپىنچىسى Unix ياكى Linux قاتارلىق سىستېمىلار بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈشتە ئالاھىدە ھوقۇق تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق ھوقۇق بىزدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆچۈرۈشكە ئامالسىز قالىمىز. شۇڭا phpZip تەمىنلىگەن rm.php ھۆججىتىنى ئىجرا قىلساق بۇ كىرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!