باش بەت > خەۋەرلەر > كومپيۇتېر خەۋەرلىرى

ليەنشاڭ ThinkPad P16 2023 لاھىيە ئىشلىرى كومپيۇتېرى بازارغا سېلىندى

كومپيۇتېر خەۋەرلىرىخىيال2023-09-12 00:17:16A+A-

   ليەنشاڭ ThinkPad P16 2023 تىپلىق مەخسۇس لاھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر بازارغا سېلىندى. ئەڭ چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ قوللاش دائىرىسى 192GB نى قوللايدۇ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا قارىتا ئىشلەتكۈچىلەر i9-13980HX نى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ.


ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولغان ليەنشاڭ ThinkPad P16 2023 كومپيۇتېرى مەخسۇس لاھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ.

 تۆت دانە DDR 5 ئىچكى ساقلىغۇچ ئوقۇرى بار بولۇپ، 192 GB غا كېڭەيتكىلى بولىدۇ؛ 


قوش PCIe 4، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 8 TB لىق قاتتىق دىسكا ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ 


ئەڭ يۇقىرى بولغاندا i 9-13980 HX ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن؛ 


كۆرسىتىش كارتىسىغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 16 GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، RTX 5000 Ada كۆرسىتىش كارتىسى سەپلەنگەن؛ 


ئېكرانى 4 K ئېنىقلىقتىكى، يورۇقلۇق دەرىجىسى 800 nit بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكراننى تاللىغىلى بولىدۇ، P 3 كەڭ رەڭ دائىرىسىگە ئىگە. 


640 (4).jpg

 بۇ خىل يۇقىرى دەرىجىلىك گىرافىكلىق خىزمەت كومپيۇتېرىنىڭ باھاسىمۇ ئەرزان ئەمەس، تۆۋەن سەپلىمىلىكىگىمۇ 16 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، i 7 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4 K ئېكران، RTX 5000 Ada كۆرسىتىش كارتىسى، 4 8 G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 2 TB لىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ئەگەر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك i 9-13980 HX بىر تەرەپ قىلغۇچ نۇسخىسىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، باھاسى تەبىئىيلا تېخىمۇ قىممەت بولىدۇ. 


بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!