دۆلىتىمىز مەشغۇلات سىستېمىسى Deepin
يېقىندا ھىندىستان ئۈزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى mayaos نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت مۇداپىيە سىستېمىسىدا ئىشلىتىشنى باشلىدى. دۆلىتىمىزدە بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياساش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە deepin مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ 23-نەشىرى ئېلان قىلىندى.
بۇ ئىككى خىل مەشغۇلات سىستېمىسى ئوخشاشلا linux ئاساسىدا ياسالغان سىستېما بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە deepin مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۆزنەكلىرىنىڭ سىپتىلىقى بىلەن كىشىنى زوقىنى كەلتۈرىدۇ.
يېقىندا ئورگان تورى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ iso ھۆججىتىنى تارقاتتى. سىناپ باققۇچىلار بولسا كومپيۇتېرنىڭ ئەسلىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى بۇزىۋەتمىگەن ئاساستا، تور بېكىتىمىزنىڭ چۈشۈرۈش سەھىپىسىدىكى vmware مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش سىستېمىسىنى چۈشۈرۈپ، شۇنىڭدا سىناپ باقسىمۇ ياكى بىۋاسىتە قاچىلاپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
مەشغۇلات سىستېمىسىغا بولغان تەلەپلەر:
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: 2GHz ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى
ئىچكى ساقلىغۇچ: 8GB ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى
قاتتىق دېسكا بوشلۇقى: 64GB ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى
چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://www.deepin.org/zh/download/
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- مەۋھۇم كومپيۇتېرغا deepin سىستېمىسىنى قاچىلاش
- ئاۋازغا ئېلىش ۋە ئاۋازنىڭ ئورنىنى تەھرىرلەش Cubase 13
- Uدېسكىنى قايسى ئۇسۇلدا فورماتلىغان ياخشى؟
- Office2024 كەلدى، Python نى قوللايدۇ!!!
- مەنزىرە ئاساس قىلىنغان يانفۇن تەگلىكلىرى
- يۇقىرى ئېېنىقلىقتىكى يانفۇن تەگلىكلىرى
- ئالماشتۇرغۇچتىكى ھەرقايسى ئېغىزلارنىڭ رۇلىنى بىلەمسىز؟
- دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈزەل
- شەبنەم مەزگىلىدىكى گۈل
- يانفۇن تەگلىلىرى
- يۇپۇرماق ئاساسى گەۋدە قىلىنغان يانفۇن تەگلىكلىرى
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان winrar 6.4