ئاۋۋال سول تەرەپ ئۈستىدىكى «سۇئال سوراي» دىگەن كۇنۇپكىنى چەككەندىن كېيىن، سۇئال سۇراش كۆزنىكىگە كىرىسىز. ئاندىن، سۇئالنىڭ ماۋزۇسىنى كىرگۈزۈپ بولۇپ، ئاستىدىكى تولۇقلىما مەزمۇننى بېسىپ، سۇرايدىغان سۇئالنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىنى كىرگۈزۈسىز. بۇ يەرگە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە يېزىشنى قوللانمىدۇق. چۈنكى بەزى ئۇچۇرلارنىڭ خەنزۇچە، ئېنگلىزچە ئۇچۇلىرىنى كىرگۈزۈشىدە تورداشلار قىينالمىسۇن دەپ ئويلىدۇق. شۇڭا كومپيۇتېرنىڭ ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش ھالىتىدە كىرگۈزۈڭ.
ئۇچۇر كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ماس بولغان تۈرلەرنى تاللاپ يوللاشنى باسسىڭىز بولىدۇ. باشقىلار سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى كۈرۈپ بولۇپ، جاۋاب بىرىپ سىزنى قانائەتلەندۈرسە، شۇ سۇئالغا كىرىپ، ھەل بولدى دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىۋىتىڭ. بولمىسا ھەل بولمىغان سۇئاللار كۆپىيىپ كىتىدۇ.